مۇسۇل ھەرىكىتى باشلىنىش ئالدىدا

دائېشقا قارشى قۇرۇلغان خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمنىڭ ۋەكىلى برېت، مۇسۇل شەھىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

445896
مۇسۇل ھەرىكىتى باشلىنىش ئالدىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى قۇرۇلغان خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى برېت م.گۇرك، ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلاش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ پايتەخت باغدادتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ۋە ئىراقنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەردىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئۇ: «شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق قىسىملىرى ‹پەشمەرگە› دائېش نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. مۇسۇل ھەرىكىتى باشلىنىش ئالدىدا. ۋەزىيەت ناھايىتى مۇرەككەپ، ئەمما ھەربىي نۇقتىدىن ئىنتايىن ياخشى پىلان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتتۇر» دېدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىراقنىڭ باغدادتىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدىغان مۇسۇلنى 2014 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا قولغا چۈشۈرۈۋالغان ئىدى. مۇسۇل تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش كونترول قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ شەھەرلەردىن بىرى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر