ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى خەلقئارا جەمئىيەتمۇ لەنەتلىدى

پايتەخت ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت تۈركىيەگە تەزىيە ياغدۇرماقتا.

435001
ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى خەلقئارا جەمئىيەتمۇ لەنەتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەزىيەنامىدە، «بىز ھەمىشە ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنى قوللايمىز، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىز بولغان تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزنى شۇنداقلا ئەنقەرەنىڭ ۋاشىنگىتوننىڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم پۈتكۈل جاھانغا جاكارلايمىز» دېيىلدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان تەزىيەنامىدە، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تېررورىزمغا قارشى مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشى شەرت» دېدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالى ۋەكىلى فېدېرىكې موغېرىنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان تەزىيەنامىسىدە، «بۇنداق مۇسىبەتلىك پەيتتە بىز تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىنى قوللايمىز» دېدى. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى «تولىمۇ يىرگىنىچلىك ۋەقە» دەپ ئاتىدى. ئەزەربەيجانمۇ تۈركىيەنىڭ مۇسىبىتىنى ئورتاقلاشتى. ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا خىتابەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەنقەرەدىكى ھۇجۇمنىڭ ئەزەربەيجان خەلقىنىمۇ چەكسىز غەم – قايغۇغا تاشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر