«مۇساپىرلار مەسىلىسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەسىلىسىدۇر»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوباما مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

429306
«مۇساپىرلار مەسىلىسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەسىلىسىدۇر»
obama

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوباما، مۇساپىرلار كىرزىسىنىڭ پەقەت ياۋروپانىڭلا ئەمەس پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئوباما رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن ۋاشىنگىتونغا كەلگەن ئىتالىيە پىرىزېدېنتى سېرگىيو ماتتارېللا بىلەن ئاق سارايدا كۆرۈشتى.

ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، ئوباما مېھمان پىرىزېدېنت بىلەن ئىراق بىلەن سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە دائېشقا قارشى كۈرەشكە ئوخشاش كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ناتو ئىتتىپاقدېشى ۋە دائېشقا قارشى تەشكىللەنگەن خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىمنىڭ ئەزاسى بولغان ئىتالىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئوباما، ياۋروپادىكى مۇساپىرلار كىرزىسى ئۈستىدىمۇ توختالغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

باراك ئوباما مۇساپىرلار كىرزىسىنىڭ پەقەت ياۋروپانىڭلا ئەمەس پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «لىۋىيەنىڭ دائېشنىڭ پىلانلىرىغا قارشى تۇرالايدىغان ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشتە ياردىمىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى ئۈستىدە توختالدۇق.»

ئامېرىكا-ئىتالىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 70 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن پىرىزېدېنت ماتتارېللا ئامېرىكا پىرىزېدېنتى باراك ئوباما بىلەن نۇرغۇن مەسىلىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر