رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا پۈتكۈل دۇنيا نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيەنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۈرك ھاۋا تەۋەلىكىگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىغا ناتو بىلەن ئامېرىكا نارازىلىق بىلدۈردى.

425945
رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا پۈتكۈل دۇنيا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەگە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ جۈمە كۈنى تۈرك ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ناتو بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى نارازىلىق بىلدۈردى.

ناتو باش كاتىپى جېنىس سىتولتېنبېرگ رۇسىيەنى مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا ۋە ناتو ھاۋا تەۋەلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ تۈرك مەسئۇللىرىنىڭ ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، رۇس ئايروپىلانىنىڭ تۈرك ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنى مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا ۋە ناتو ھاۋا تەۋەلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمەن. رۇسىيە بۇ خىلدىكى تاجاۋۇزچىلىقنىڭ قايتىدىن يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن تىگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.»

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۈرك ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «رۇسىيەنىڭ رايوندا مۇقىمسىزلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى» بىلدۈردى. پېنتاگون باياناتچىسى مارك رايىت «ئامېرىكا ناتو ۋە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق، رۇسىيەنى تۈرك ھاۋا تەۋەلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۈرك ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋزۇ قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر