ياۋورپا چېگرا بىخەتەرلىكى يىغىنىدا مۇھىم قارارلار ئېلىندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۇ پىلان دائىرىسىدە يەنە، ئەزا دۆلەتلەرگە تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنى خالىسانە قوبۇل قىلىش تەكلىپى سۇندى.

410548
ياۋورپا چېگرا بىخەتەرلىكى يىغىنىدا مۇھىم قارارلار ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى چېگرا رايونلىرى بىخەتەرلىكى مەسلىسى ھەققىدە بېلگىيەنىڭ ياپتەخنى بىريۇسسېلدە مۇزاكىرە يىغىنى چاقىردى.
يىغىن نەتىجىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگرالىرىغا 1500 نەپەر ئالاھىدە چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۇ ئارقىلىق چېگرا رايونلاردا جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەن تەقدىردە تېز مۇداخىلە قىلالايدىغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ رۇخسىتىنى كۈتۈشكىمۇ ھاجەت قالمايدۇ. قوشۇمچە چېگرا مۇداپىئەسى ئۈچۈن 2020 – يىلىغا قەدەر 322 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىلىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۇ پىلان دائىرىسىدە يەنە، ئەزا دۆلەتلەرگە تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنى خالىسانە قوبۇل قىلىش تەكلىپى سۇندى.
كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشتا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ نەزەردە تۇتۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر