خىتاي ئافرىقىغا 60 مىليارد دوللار بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئافرىقىغا 60 مىليارد دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

402023
خىتاي ئافرىقىغا 60 مىليارد دوللار بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.
ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان شى جىنپىڭ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ خىتاي-ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ: «بۇ قېتىمقى يىغىن سەمىمىيلىك، دوستلۇق، باراۋەرلىك ۋە پايدا شىرىكچىلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان مۇھىتتا ئۆتتى.»
48 دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ، 38 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن سىرت 60 دۆلەتتىن كۆپ سودا ۋە ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرلىرى ئىشتىراك قىلغان بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئالدىمىزدىكى ئۈچ يىل نەزەرگە ئېلىنغان ئاساستا «جوھاننېسبۇرگ خىتابنامىسى» ۋە «ھەمكارلىق ھەرىكەت پىلانى» ئىمزالاندى. كېلىشىمنىڭ خىتاي-ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە كەڭ دائىرلىك تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن شى جىنپىڭ، بۇ كېلىشىمنىڭ يەنە نۇرغۇن ساھەدىمۇ ئۆز-ئارا مەنپەئەتلەرنى ئاساس قىلىدىغان ھەمكارلىق ئۈچۈن سىياسىي ئىشەنچىنى بەرپا قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھەمكارلىق دائىرىسىدە رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك پىرىنسىپلارنىڭ «ئورتاق سىياسىي ئىشەنچىنى كۈچەيتىش»، «ھەممە تەرەپكە تەڭ نەپ بېرىشنى ئاساس قىلغان ھەمكارلىققا تەييار بولۇش»، «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش»، «بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ياردەملىشىش»، «خەلقئارا ساھەسىدە ھەمكارلىق ۋە شېرىكچىلىكنى كۈچەيتىش» قاتارلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
شى جىنپىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئافرىقا ئەللىرىگە بېرىلىدىغان 60 مىليارد دوللارلىق ياردەملەرنىڭ سانائەتلىشىش، يېزا-ئىگىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى، يېشىل تەرەققىيات، نامراتلىقنى ئازايتىش، پۇل-مۇئامىلە خىزمەتلىرى، سودا ۋە سېلىنما ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش، خەلق سالامەتلىكى، ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىدە ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن ئافرىقا ئۆز-ئارا توغرا چۈشىنىش ۋە ئورتاق تەرەققىياتقا مەركەزلىشىپ، ھەر قانداق ئەھۋالدا بىرلىكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر