تۈرك ئالىملىرى بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە ياراتتى

ۋالە ئۇنىۋېرسىتېتى مېڭە ئوپېراتسىيىسى بۆلۈمى باشلىقى گۈنەل راكنى داۋالاشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە ياراتتى.

396941
تۈرك ئالىملىرى بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك ئالىمى پىروفېسسور دوكتور مۇرات گۈنەل بىلەن تەتقىقات گۇرۇپپىسى مېڭە راكىنى داۋالاشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە ياراتتى.
ۋالە ئۇنىۋېرسىتېتى مېڭە ئوپېراتسىيىسى بۆلۈمى باشلىقى گۈنەل تۈركىيە ۋە گېرمانىيەلىك ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا، مېڭە راكىنىڭ ياخشى خۇيلۇق ئۆسمىلەردىن گېن ئېلىپ راككا ئۆزگىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان مېخانىزملارنى بايقاپ چىقتى.
پىروفېسسور دوكتور گۈنەلنىڭ بۇ ساھەدە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرى دۈشەنبە كۈنى بىلىم دۇنياسىدا نوپۇزلۇق ھېسابلىنىدىغان تەتقىقات ژورناللىرىدىن «تەبىئىي گېن» (Nature Genetics'te)دا ئېلان قىلىندى.
راكنى داۋالاشتا ئەڭ مۇھىم تەرەققىياتنىڭ راكنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقىنى تېپىپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان گۈنەل، مېڭە ئۆسمىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئۆلۈمگە سەۋەب بولغان راك تۈرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
مۇرات گۈنەل تەتقىقات خىزمىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېڭە ئۆسمىلىرى بەزىدە ياخشى خۇيلۇق ھالەتتە باشلايدۇ، ئۇزۇن مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ھابىس ھالەتكە ئۆزگىرىپ بىر يىل ئىچىدە ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدۇ. بىز تۈركىيە ۋە گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق 41 كېسەل بېكىتىپ چىقتۇق. بۇ كېسەللەردە مېڭە ئۆسمىلىرى ياخشى خۇيلۇق چىقىپ، كېيىنچە راككا ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى. ئىككى ئۆسمە توقۇلمىسى، ياخشى خۇيلۇق ۋە يامان خۇيلۇق بولۇپ ھەممىسىنى ئېلىپ ، بۇلارنىڭ سىرىنى يېشىپ چىقىپ پەرقلىق تەرەپلىرىنى ئايرىپ چىقتۇق. بۇ ئەھۋال بىزگە راكنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر