رۇس دائىرلىرى تۈرك پۇقرالىرىغا بېسىم قىلماسلىققا چاقىرىلدى

تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رۇس دائىرلىرىدىن تۈرك پۇقرالىرىغا بېسىم قىلماسلىققا چاقىرىلدى.

394743
رۇس دائىرلىرى تۈرك پۇقرالىرىغا بېسىم قىلماسلىققا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ موسكوۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رۇس دائىرلىرىنى رۇسىيەدە ياشاۋاتقان تۈرك پۇقرالىرىغا بېسىم قىلماسلىققا چاقىردى.
تۈرك ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېيىنكى كۈنلەردە رۇسىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ياشاۋاتقان كارخانىچىلار، ئىشچى ۋە ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي تەبىقەلەرگە تەۋە تۈرك پۇقرالىرى رۇس دائىرلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە بېسىم قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ ئەلچىخانىغا دەردلىرىنى ئېيتىشقان.
تۈرك ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا قارىتا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ رۇس دائىرلىرىدىن تۈرك پۇقرالىرىغا بېسىم قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ، بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئەلچىخانىمىز رۇسىيەدىكى پۇقرالىرىمىز بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئالغاندىن كېيىن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئالاقىدار دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلاردىن بۇ ئىشلار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشنى ۋە ئۇلاردىن دەرھال بېسىم قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدۇق.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر