رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

رۇسىيە ئۇكرائىناغا 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئوزۇق-تۈلۈك ئېمبارگوسى يۈرگۈزىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

418843
رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موسكوۋا ھاكىمىيىتى 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئۇكرائىناغا ئوزۇق-تۈلۈك ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.
رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئالېسسېي ئۇليۇكايېۋ رۇسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كىيىۋ ھاكىمىيىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن رۇسىيەگە قارىتا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئېمبارگولار قوشۇلۇشنى قارار قىلغانلىقىنى، رۇس ھاكىمىيىتىنىڭمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئۇكرائىناغا ئوزۇق-تۈلۈك ئېمبارگوسى يۈرگۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر قارارنىڭ بۇرۇنلا بېكىتىلگەنلىكىنى بىراق يولغا قويۇش ۋاقتىنىڭ 2016-يىلغا كىچىكتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئۇليۇكيېۋ، ئۇكرائىناغا قارىتا ئوزۇق-تۈلۈك ئېمبارگوسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلەتلىرىگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگو بىلەن ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئۇكرائىنا پىرىزېدېنتى پېترو پوروشېنكو ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىقتىسادىي قىسىملىرىنىڭ 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋمۇ ئۇكرائىنانىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىقتىسادىي قىسىملىرىنى يۈرگۈزگەن تەقدىردە ئۇكرائىناغا ئوزۇق-تۈلۈك ئېمبارگوسى يۈرگۈزىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر