رۇسىيە سۈرىيەدە فوسفور بومبىسى ئىشلەتتى

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى بىر يېزىغا «فوسفور بومبىسى» ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

365607
رۇسىيە سۈرىيەدە فوسفور بومبىسى ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇرەددىن زەنگى ھەرىكىتى سىياسىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد ياسىر يۈسۈف، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىگە ئائىت بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئىدلىبگە قاراشلىق ئەرىھە ناھىيەسى بىنىن يېزىسىغا «فوسفور بومبىسى» ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
يۈسۈف، ھۇجۇمدا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ئەمما تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.
سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە سۈرىيەنىڭ تۈرلۈك شەھەرلىرىگە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىۋاتقان رۇسىيە ھۇجۇم نىشانلىرىنىڭ دائېش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۆكتىچىلەر بولسا ھەم ئامېرىكا ھەم غەرب پايتەختلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ % 90 تىن كۆپرەكىنىڭ رادىكال گۇپپپىلار ئەمەس، ئەكسىچە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچىلەرنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
رۇسىيە ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ سۈرىيەدە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندىن بۇيان بولۇپمۇ ھامانىڭ شىمالىي رايونلىرىدىن تەخمىنەن 80 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىپ، ئىدلىبنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا پاناھلىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر