رۇسىيە سۈرىيەدىكى ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

رۇسىيە سۈرىيەدە يەنە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

413781
رۇسىيە سۈرىيەدىكى ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
پايتەخت دەمەشىق، ھالەپ ۋە ئىدلىبتىكى ھۇجۇملاردا 40تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى.
رۇس ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا دەمەشىقتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولدى.
ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى دۇما رايونىدا بىر بازارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا 6سى بالا بولۇپ ئەڭ ئاز 23 ئادەم ئۆلدى، ئونلارچە ئادەم يارىلاندى.
رۇس ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھالەپتىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى تۇرالغۇ جايلارغا قىلىنغان ھۇجۇملىرىدىمۇ، ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 10 ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.
ئىدلىبنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بولسا 8 ئادەم ئۆلدى.
رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن تىجارەت ئورنى، ئۆي ۋە ئاپتوموبىل ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر