رۇسىيە قايتىدىن سۇرىيە مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى پىلانلىماقتا

بوگدانوۋ ئۇچرىشىشلارغا سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قوزغىلاڭچىلارنىمۇ چاقىرىشنى پىلانلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

362605
رۇسىيە قايتىدىن سۇرىيە مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى شۇنداقلا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېخائىل بوگدانوۋ سۇرىيە مەسلىسىنى قايتىدىن مۇسكۋادا مۇزاكىرىلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بوگدانوۋ ئۇچرىشىشلارغا سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قوزغىلاڭچىلارنىمۇ چاقىرىشنى پىلانلىغانلىقىنى قەيت قىلىپ، «سۈرىيە ھۆكۈمتى بىلەن مەسىلە يوق. ئۇلار بىلەن خېلى بۇرۇنلا بۇ ھەقتە كېلىشىپ بولدۇق. ئەمدىلىكتە ئوخشاش بولمىغان قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار بىلەن مۇسكۋادا بىر يەرگە جەم بولۇشى ئۈچۈن مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارماقتىمىز» دېدى.
موسكۋادا بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ رۇسىيەنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قوزغىلاڭچىلار گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا ئىككى قېتىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر