تۈرك ۋە مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە تۈرك ۋە مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرى ئسىلامغا قارشى باياناتلارنى ئېلان قىلغان ۋە ئامېرىكىدىكى جامەلەرنى تاقىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى نامزاتى كارخانىچى دونالد ترامپغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى.

398910
 تۈرك ۋە مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپنىڭ، Fox TV تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان تەقدىردە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم جامەلەرنى تاقىۋېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، «‹ Daily News › گېزىتى» نىڭ Adam Edelman ئىمزالىق خەۋىرىدە، Brooklyn دىكى ئەييۇب سۇلتان جامەسىنىڭ رەسىمى ئىشلىتىپ دائېشقا ئوخشىتىلىشىغا قارشى نىيۇ يوركتىكى تۈركلەر ۋە مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
نىيۇ يوركتا ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى Brooklyn ناھىيەسى ھاكىمى Eric Adams بىلەن بىرلىكتە Brooklyn دىكى ئەييۇب سۇلتان جامەسىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر، باياناتلىرىدا ئامېرىكىدىكى دىنىي ئەركىنلىكلەرگە چەكلىمە قويۇلۇشى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىشى، شۇنداقلا ترامپنىڭ باياناتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
ئەييۇب سۇلتان جامەسىنىڭ ئەڭ كۆپ ئەزاسى بار تۈرك مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن Brooklyn ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى Eric Adams، «بۇ يەرگە ئوچۇق – ئاشكارا ۋە جاراڭلىق ئاۋازىمىز بىلەن تۈرك ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ جامەسىگگ ئىگە چىقىدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق كۈچلۈك سىگنال بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق. بۇ جامەنىڭ لىدەرلىرى بىلەن ھەمىشە كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتىمىز. شۇڭا ئۇلارنىڭ سەمىمىي قەلبىنى ئوبدان چۈشىنىمەن، ئۇلارنىڭ ناھىيەمىزنى، شەھىرىمىزنى ۋە ئامېرىكا خەلقىنى سۆيىدىغانلىقىنى، شۇڭا ناھايىتى زور پىداكارلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن» دېدى.
ئەييۇب سۇلتان جامەسى ۋە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم شەن، ترامپنىڭ سۆزلىرى ۋە ئارقىدىنلا جامە ھەققىدە تارقىتىلغان خەۋەرلەرنىڭ پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئەمەس، ئامېرىكىدىكى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى قاتتىق رەنجىتكەنلىكىنى، شۇڭا ترامپنىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر