تۈرك ئايالنى ئۇرغان ئامېرىكىلىق كاپالەت بىلەن قويۇپ بېرىلمەكچى

تىرىجېتېن د بىكفورد 47 ياشلىق ئايالنىڭ يولدىشىنىڭ ۋە بالىسىنىڭ يىنىدا بوينىدىن تۇتۇپ باش ياغلىقىنى ئېلىپ تاشلاشقا ئۇرۇنغان چىغىدا يولدىشى بىلەن بالىسى دەرھال مۇداخىلە قىلغان.

395350
تۈرك ئايالنى ئۇرغان ئامېرىكىلىق كاپالەت بىلەن قويۇپ بېرىلمەكچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا تىرىجېتېن د بىكفورد ئىسىملىك بىر ياش قەھۋەخانىدا يولدىشى ۋە پەرزەنتى بىلەن ئولتۇرغان بىر تۈرك ئايالغا ھۇجۇم قىلغانلىقى يۈزسىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى.
يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ ساقچىلارنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە 19 ياشلىق ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى تىرىجېتېن د بىكفورد شەنبە كۈنى تۈركلەرگە تەۋە بىر قەھۋەخانىدا، 18 يىلدىن بۇيان ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان تۈركىيەلىك كۆچمەن بىر ئايالغا «ئاق كۈچ»، «ھەممىنى ئۆلتۈر» دېگەندەك ئىرقىۋاز سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلىپ، ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغان.
تىرىجېتېن د بىكفورد 47 ياشلىق ئايالنىڭ يولدىشىنىڭ ۋە بالىسىنىڭ يىنىدا بوينىدىن تۇتۇپ باش ياغلىقىنى ئېلىپ تاشلاشقا ئۇرۇنغان چىغىدا يولدىشى بىلەن بالىسى دەرھال مۇداخىلە قىلغان.
بىكفورد يەنە ئەتراپتىكى باشقا كىشىلەرگە ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا چاقىرىلغان ساقچىلارغىمۇ تۈكۈرۈپ قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
سوتتا بولسا، ئادەم بۇغۇش، قورقۇتۇش ۋە قول سېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى 500 دوللار كاپالەت پۇلى ئېلىپ قويۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلىندى.
ئالاقىدار مەسئۇللار بىكفوردقا «نەپرەت جىنايىتى ئۆتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلەپ داۋا ئېچىشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە فېدېرال ئىستىخبارات ئىدارىسى «FBI»نىڭ مەسىلىنى تەكشۈرگەنلىكىنى قەيت قىلىندى.
ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىسى سوتتىكى باياناتىدا، ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا كۆپ ئىچىۋالغانلىقتىن مەس ئىكەنلىكىنى ۋە رەھى كېسەللىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كۈندىلىك دورىسىنىمۇ شۇ كۈنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەسلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر