ئىراقتا ئامېرىكىنىڭ رازۋېتكا ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى ۋاسىت ۋىلايىتىدە ئامېرىكىغا ئائىت بىر رازۋېتكا ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى.

355241
ئىراقتا ئامېرىكىنىڭ رازۋېتكا ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاسىي ۋىلايەتلىك مەجلىس ئەزاسى مۇنتازار ئەننامۇنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رازۋېتكا ئايروپىلانى ۋاسىت ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەلھەي بىلەن ئەلمۇقاۋە ئوتتۇرىسىدىكى ئولتۇراق مەھەللىسى بولمىغان رايوندىكى چۆلدە چۈشۈپ كەتكەن. دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئايروپىلان قوراللىق ھۇجۇم تۈپەيلى ئەمەس، تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر