ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىنى ئۆزگەرتتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 14 يىللىق تارىخقا ئىگە ئافغانىستاندىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى 2017 – يىلىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ.
392869
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا رەسمىي دائىرىلىرى نۆۋەتتىكى 9800 كىشىلىك ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سانىنىڭ 5500 گە قىسقارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئەسكەر ئاساسلىقى مەشىق ۋە ئارقا سەپ خىزمەتلىرىگە ھەمدەم بولۇش مەقسىتىدە كابۇل، باگرام، جەلالئاباد ۋە قەندىھارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنىڭ 2017 – يىلى مىڭغا قىسقارتىلىشى پىلانلانغان بولسىمۇ، يېقىنقى مەزگىللەردە تالىبان ھۇجۇملىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى مەزكۇر ساننىڭ كۆپەيتىلىشىگە سەۋەب بولدى.