«ۋاشىنگىتون ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى قوللايدۇ»

ئىسرائىلىيە – پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ۋاشىنگىتون ئىسرائىلىيەنى قوللىدى...

393327
«ۋاشىنگىتون ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى قوللايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى ۋاشىنگىتوننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ «ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى» نى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلارغا خىتاب قىلغان كېرى، ئىسرائىلىيەلىك پۇقرالار نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى ھەمدە بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كېرى، «بۇنداق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىزاھاتى يوق» دېدى.
كېرى، پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيەلىكلەر ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ۋەقەلەردە تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر