رۇسىيە سۈرىيەدە ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتناشتى

رۇسىيە سۈرىيەدە تۇنجى قېتىم ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتناشتى.

385775
رۇسىيە سۈرىيەدە ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئىككى قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا تەرەپ بولسا رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا دائېشنىڭ سىرتىدىكى نىشانلارنىمۇ بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھاۋا ھۇجۇمى رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ ئۈستۈن قانىتى تەرىپىدىن چەت ئەلگە قوشۇن ئەۋەتىش قانۇن تەكلىپى ماقۇللىنىپ بىرقانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.
كرېمل سارىيىنىڭ مەسئۇلى سېرگېي ئىۋانوۋ، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى، بۇ تەلەپنىڭ سۈرىيە رەھبىرى بەششار ئەسەدتىن كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، قانۇن تەكلىپى پارلامېنت تەرىپىدىن ماقۇللانغاندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، «سۈرىيەدە تېررورلۇق نىشانلىرىغا مۇداپىئە ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارىمىز» دېگەنىدى.
پۇتىن، رۇسىيەنىڭ بەششار ئەسەدكە پەقەت ھاۋا ھۇجۇملىرى جەھەتتىن ياردەم بېرىش بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى، موسكۋانىڭ دەمەشققە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قىسىملىرى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر