ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ كەرم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزىنى ئاچتى

ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلارنىڭ سۇكوت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تاقىۋەتكەن غەززەنىڭ بىردىنبىر سودا چېگرا ئېغىزى كەرم ئەبۇ سالىمنى ئاچتى.

388377
ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ كەرم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزىنى ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەرم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزىنىڭ مۇدىرى مۇنىر ئەلغەلبان «ئىسرائىلىيە جۈمە كۈنى تاقىۋەتكەن چېگرا ئېغىزىنى ئاچتى. بۈگۈن غەززە قۇرۇلۇش لازىمەتلىكلىرى، يېقىلغۇ ۋە ھەر خىل نەرسىلەر بېسىلغان 800 ئەتراپىدا يۈك ماشىنىسىنىڭ كىرىشى كۈتۈلمەكتە» دېدى.

ئىسرائىلىيە 8 يىلنىڭ مابەينىدە مۇھاسىرە ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇاتقان غەززەگە ئېچىلغان چېگرا ئېغىزى كەرم ئەبۇ سالىمنى يەھۇدىيلارنىڭ بايرىمىنى باھانە قىلىپ، پات – پات تاقىۋالىدۇ. بۇ ئەھۋال ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىنىشىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، رايوندا بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

غەززەگە كىرىپ چىقىدىغان 7 چېگرا ئېغىزىدىن رەفاھنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئالتىسى ئىسرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، 4 سودا چېگرا ئېغىزى 2007 – يىلى ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنىدى.

بەيت ھانۇن چېگرا ئېغىزى چەت ئەل پاسپورتى بارلار، كېسەللەر ۋە سودا – سانائەتچىلەرنىڭ غەربىي قىرغاققا كىرىشى، كەرم ئەبۇ سالىم بولسا، بىر قىسىم سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆتۈشى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر