رۇسىيە-ياپونىيە مۇناسىىۋىتى ئارال سەۋەبىدىن كەسكىنلىشىپ كەتتى

رۇسىيە-ياپونىيە مۇناسىۋىتى تىنچ ئوكياندىكى تالاش-تارتىشلىق تۆت ئارال سەۋەبىدىن كەسكىنلىشىپ كەتتى.

339186
رۇسىيە-ياپونىيە مۇناسىىۋىتى ئارال سەۋەبىدىن كەسكىنلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىشلىق بولغان تىنچ ئوكياندىكى تۆت ئارال ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.
رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋنىڭ ئىتۇرۇپ ئارىلىنى زىيارەت قىلىشى ياپونىيەنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
رۇسىيەنىڭ توكيادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ مەكتۇپ ئەۋەتكەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇمىيو كىشىدا ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بارىدىغان رۇسىيە زىيارىتىنى بۇ سەۋەبتىن كىچىكتۈردى.
رۇسىيەدە جەنۇبىي كۇرىللېر، ياپونىيەدە شىمالىي زېمىنلار دەپ ئاتىلىدىغان تۆت ئارال ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىدە رۇسىيە تەرىپىدىن مەجبۇرىي قوشۇۋېلىنغانىدى.
ياپونىيە رۇسىيەنىڭ بۇ قارارىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلماي كەلمەكتە، رۇسىيە بولسا بۇ يىل ئىيۇندا بۇ تۆت ئارالدا ھەربىي بازا بەرپا قىلىپ ياپونىيەنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.
رۇسىيە ئوخوتسك دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق ئاراللار بىلەن رۇسىيە قۇرۇقلۇقى ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز تېگىدىكى يەر ئاستى بايلىقلارنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزلىرىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر