تۈرك ۋەكىل خىتاينى ئەيىبلىدى

ب د ت خەتەرلىك ماددىلارنى بىتەرەپ قىلىش ئالاھىدە دوكلاتچىسى تۇنجاك: «خىتاي ھۆكۈمىتى خەتەرلىك ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى بىتەرەپ قىلىش قانۇنىنى، كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن ھالغا كەلتۈرۈشى كېرەك» دېدى.

336073
تۈرك ۋەكىل خىتاينى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەتەرلىك ماددىلارنى بىتەرەپ قىلىش ئالاھىدە دوكلاتچىسى باشكۇت تۇنجاك، تىيەنجىن شەھىرىدە 114 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارتلاشنىڭ تەسىرى ۋە سەۋەبلىرىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا، خىتاينى ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى.
ب د ت دىكى تۈرك دوكلاتچى تۇنجاك يازما باياناتىدا: « خىتاي ھۆكۈمىتى خەتەرلىك ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى بىتەرەپ قىلىش قانۇنىنى، كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن ھالغا كەلتۈرۈشى كېرەك» دېدى. ئۇ خەلق ئاممىسىنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىش ۋە ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش توغرىسىدا خىتاينى تەنقىد قىلىپ: «خەلقنىڭ سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن مەلۇماتقا ئىگە بولۇشىنى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەش، كىشىنى ئىنتايىن قاتتىق قايغۇغا سالىدۇ. بۇ بولۇپمۇ، ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر سانىنى ئاشۇرۇش خەتىرىنى پەيدا قىلىدۇ» دېدى.
تىيەنجىندە 12 – ئاۋغۇست يۈز بەرگەن پارتلاشتا، 114 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر