ئىران-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى بارغانچە چوڭقۇرلاشماقتا

ئىران تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىردەك تەكىتلەشتى.

331127
ئىران-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى بارغانچە چوڭقۇرلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بۈگۈن موسكوۋادا رۇسيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.
ئىككى مىنىستىر ئىراننىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن يادرو مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە ئىمزالانغان كېلىشىم، سۈرىيە كىرزىسى ۋە دائېشقا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەشتى.
سېرگېي لاۋروۋ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، موسكوۋانىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى كىرزىسلەرنى دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن تېھران بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ياقلاپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ تىنچلىقنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرگە قاتنىشىشنىڭ رايون خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ماس نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»
لاۋروۋ رۇسىيە-ئىران مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن لازىملىق ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىف، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى دائىمىي بەش ئەزاسى ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىمزالىغان يادرو پىروگراممىسى كېلىشىمىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «كېلىشىم ئىقتىساد ۋە مۇداپىئە بولۇپ نۇرغۇن ساھەدىكى ھەمكارلىقىمىزغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.»
ئىراننىڭ موسكوۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان زارىف يەنە مۇنداق دېدى: «رۇسىيە بىلەن ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز بار. ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر