خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى

خىتاي ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى«رادىكال ئىسلامچى تېررورلۇق تەشكىلاتى» نىڭ تەھدىتىگە قارشى ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

317018
خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقى مەركىزىي خوڭكوڭغا جايلاشقان «جەنۇبىي خىتاي سەھەرگېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش خىزمەتلىرى كوردىناتورى تىنا تايدانوۋ بىلەن كۆرۈشكەن خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چېڭ گوپىڭنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بەزى ئۇيغۇرلارنى سۈرىيە ۋە ئىراققا ئېلىپ بېرىپ، جىھاد مەقسىتىدە ھەربىي-تەلىم تەربىيە بېرىۋاتقانلىقلىرى» نى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
كۆرۈشۈشتە، «رادىكال ئىسلامچى تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ خەتەرلىك باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقى» نى ئېيتقان گوپىڭ ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› گە ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي، ئامېرىكا ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتكە زور تەھدىت پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. ‹شەرقىي تۈركىستان تېررورچى ئۇنسۇرلىرى› غا قارشى كۈرەشلەردە ئۇلاردىن بىزنى قوللاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق» دېدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا بىلەن «تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلەردە ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە زوراۋانلىق قاتارلىق ھەر قانداق رادىكال قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىش» جەھەتلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە كېيىنكى ئۈچ يىلدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردە ئەڭ ئاز 300 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى تېررورلۇق ۋەقەسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان بېيجىڭ دائىرلىرى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ قاتلاملىق تېررورلۇق تەشكىلاتى ياكى ئەمەسلىكىدىن، ھەتتا مۇشۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ بارلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.
تۈركىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بولسا، ئۇيغۇر رايونىدا ۋەقەلەرنىڭ كۆپلەپ كېلىپ چىقىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ رول ئوينىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تېررورىزم دېگەن ئۇقۇمنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئۆزىنىڭ بېسىم سىياسىتىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر