رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

313860
رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا زىيارەتتە بولىۋاتقان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ھەققىدە چىقارغان قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
لاۋروۋ ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ ئەسەدنى ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشلەرگە توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ھەققىدىكى قارارىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن لاۋروۋ، ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك ئەل نۇسرا بىلەن دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن خەلقئارادا تەشكىللىنىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان لاۋروۋ، ئاق ساراي باياناتچىسىنىڭ «ئەسەدكە قارشى ئۆكتىچىلەرنى قوللاش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېگەن باياناتىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ دوھادا سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەل جۇبەير ۋە ھاماسنىڭ سۈرىيە ئىشخانىسى مۇدىرى خالىد مەشال بىلەن كۆرۈشتى.
لاۋروۋ مەشالنى موسكوۋاغا تەكلىپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر