«كېلىشىم رەت قىلىنسا ئامېرىكا نۇرغۇن نەرسىنى يوقىتىپ قويىدۇ»

جون كېررىي ئىران بىلەن ھاسىل بولغان يادرو كېلىشىملىرى رەت قىلىنسا ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن نەرسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

384772
«كېلىشىم رەت قىلىنسا ئامېرىكا نۇرغۇن نەرسىنى يوقىتىپ قويىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېررىي، ئىران بىلەن ھاسىل بولغان يادرو كېلىشىمىنى ئامېرىكا مەجلىسىنىڭ رەت قىلىشىنىڭ، تېھران ھاكىمىيىتىگە يادرو پىروگراممىسىنى تېزلەشتۈرۈشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جون كېررىي ئالىي پالاتا تاشقى ئالاقە كومىتېتىدا قىلغان سۆزىدە ئىران بىلەن ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى ياقلاپ، ئۇلاردىن تەستىقلىشىنى تەلەپ قىلدى.
كېلىشىمدىن باشقا يول يوقلىقىنى بىلدۈرگەن جون كېررىي مۇنداق دېدى: «بۇ كېلىشىمنى رەت قىلسا نۇرغۇن نەرسىنى يوقىتىپ قويىمىز.»
«تېخىمۇ ياخشى كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىن ئىدى» دېگەن تەنقىدلەرنىڭ ئەمەلىيەتتىن يىراق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان جون كېررىي: «تېھراننىڭ ئاتوم بومبىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىغا توسالغۇ بولدۇق» دېدى.
جون كېررىي ئامېرىكا ئالىي پالاتاسى ئىران بىلەن ھاسىل بولغان كېلىشىمنى رەت قىلغان تەقدىردە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېتىم قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭدىن باشقا ئىران بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، غەرب ئەللىرىدىن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر تېھراندا زىيارەتتە بولماقتا.
زىيارەتتىن ئىلگىرى سودا-سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن گاربىيېل، ئىراندا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ناچارلىقى ۋە ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلماسلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا توسالغۇ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
گېرمانىيە بىلەن ئىران بانكىچىلىق ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى پىلانلىماقتا.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋىسترىيە پىرىزىدېنتى خېنىز پىشىرمۇ سېنتەبىردە ئىراندا زىيارەتتە بولىدىكەن. فىشىر 2004-يىلدىن بۇيان تېھراندا زىيارەتتە بولىدىغان تۇنجى ياۋروپا رەھبىرى بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر