جەنۇبىي كورېيەدە خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان بىر ئوفىتسېر تۇتۇلدى
جەنۇبىي كورېيەلىك بىر ئوفىتسېر ھەربىي مەخپىيەتلىكلەرنى خىتايغا سېتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.
334317
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدىغان دېڭىز ئارمىيەسى ئوفىسېرىنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ ئوفىتسېرنىڭ 2009 – 2012 – يىللىرى ئارىسىدا بىر ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق خىتاينى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.