ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە 2 يىل بولدى

مىسىردا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگىنىگە 2 يىل بولدى.

331564
 ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە 2 يىل بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇۋېتىلگەن مىسىرنىڭ سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىنى قوللاش مەقسىتىدە قاھىرەدە نامايىش ئۆتكۈزگەن كەڭ خەلق ئاممىسىغا ساقچىلار مۇداخىلە قىلدى.
ساقچىلار مۇداخىلە جەريانىدا ھەقىقىي ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى.
مۇداخىلە جەريانىدا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى.
جىزيەنىڭ ھەرەم رايونىدىمۇ بىر گۇرۇپپا مۇرسىنى قوللاش مەقسىتىدە مىسىر ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
مەشئەللەرنى كۆتۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن گۇرۇپپا ئۆلۈم جازالىرىنىڭ توختىتىلىشى ۋە ھەربىي ھاكىمىيەتكە خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مۇرسى 2013 – يىلى 3 – ئىيۇل كۈنى مىسىرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى باشچىلىقىدىكى ھەربىيلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىشى نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇۋېتىلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر