يەمەندە بەزگەكلىك ۋە خولېرا كېسەللىكى ئەۋج ئېلىپ كەتتى

يەمەندە بەزگەكلىك ۋە خولېراغا ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئەۋج ئېلىپ كەتتى.

329125
يەمەندە بەزگەكلىك ۋە خولېرا كېسەللىكى ئەۋج ئېلىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامىزان ئېيىدا نوپۇسنىڭ يېرىمى ئاچارچىلىق گىرادابىدا ياشاۋاتقان يەمەن ئۈچۈن جىددىي ئەھۋال سەۋىيەسىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە بولغان ئۈچىنچى سەۋىيەگە چىقاردى.
توقۇنۇشلار ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئادەندە ھەم شىئە ھۇسى مىلىتانلار ھەمدە پىرىزىدېنت ئابدۇراببى مەنسۇر ھادىغا قاراشلىق قىسىملار ئىچىدە ئۆلىۋاتقانلارنىڭ سانى بارغانچە ئېشىپ بارماقتا.
توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر خەلق بىلەن دۆلەت بىنالىرىغا ئىزچىل ھۇجۇم قىلماقتا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ۋەيران بولدى. توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن 160 دوختۇرخانا تاقىۋېتىلگەن يەمەندە بەزگەكلىك، خولېرا قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەر ئەۋج ئېلىپ كەتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرگە سەھنە بولىۋاتقان يەمەننىڭ ۋەزىيىتىنى 6 ئاي ئۈچىنچى سەۋىيەگە چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئەڭ خەتەرلىك سەۋىيە ھېسابلىنىدىغان ئۈچىنچى سەۋىيە ئىراق، سۈرىيە ۋە جەنۇبىي سۇدان ئۈچۈن ئېلان قىلىندى.
بۇنىڭدىن باشقا، ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن ب د ت نىڭ يەمەندە «ئىنسانىي جىددىي ئەھۋال» ئېلان قىلغاندىن كېيىن تەرەپلەرنى ھېچ بولمىغاندا رامىزان ئېيىدا توقۇنۇشلارنى توختىتىپ قويۇشقا چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر