باڭلادېشلىق ۋە ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار لاگېرغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ئۆتكەن ھەپتە بىرما دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن بىرما دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر پاراخوتتا تېپىلغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئاراكان ئىشتاتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

293748
باڭلادېشلىق ۋە ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار لاگېرغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 400 ئەتراپىدىكى قانۇنسىز كۆچمەننىڭ ۋاقىتلىق چېگرا ئەتراپىدىكى بىر لاگېرغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، باڭلادېشقا ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باڭلادېشلىق ۋە ئاراكانلىق مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 4 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەن ئۆتكەن ئاي ھىندونېزىيە، مالايشىيا، تايلاند ۋە بىرمىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بىرمىدا ياشاۋاتقان 1 مىليون 100 مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ دۆلەت تەۋەلىكى يوق ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر