دىزايى: تۈركىيە دائېشقا قارشى كۈرەشتە بىزنى قوللىماقتا

سەفىن دىزايى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش (ئى ش ئى د) ۋە باشقا ئاشقۇن گۇرۇپپىلارنىڭ نۇرى ئەلمالىكى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېيتتى.

292625
دىزايى: تۈركىيە دائېشقا قارشى كۈرەشتە بىزنى قوللىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى رايونلۇق كورد ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سەفىن دىزايى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش (ئى ش ئى د) ۋە باشقا ئاشقۇن گۇرۇپپىلارنىڭ ئىراقنىڭ سابىق باش مىنىستىرى نۇرى ئەلمالىكى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېيتتى.

‹تۈركمەنئەلى تېلېۋىزىيەسى› نىڭ بىر پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ مۇھىم باياناتلارنى بەرگەن دىزايى، دائېشقا قارشى قورال ۋە تەلىم – تەربىيە ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە باشتا تۈركىيە بولۇپ، بىرلەشمىگە قېتىلغان دۆلەتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

تۈركمەنلەرنىڭ كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان دىزايى، بۇنداق قىلىشنىڭ كەركۈكنىڭ سالاھىيىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر