رۇسىيە ئۇكرائىنانى مالايشىيا ئايروپىلانى سەۋەبلىك ئەيىبلىدى

رۇسىيە بۇلتۇر ئۇكرائىنادا چۈشۈپ كەتكەن مالايشىيا ئايروپىلانىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئۇكرائىنا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

291638
رۇسىيە ئۇكرائىنانى مالايشىيا ئايروپىلانى سەۋەبلىك ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بۇلتۇر يازدا ئۇكرائىنادا چۈشۈرۈۋېتىلگەن مالايشىيا ئايروپىلانىنىڭ، ئۇكرائىنا روكېتى بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
رۇس مەسئۇللىرى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، مالايشىيا ئايروپىلانىنىڭ كونا بۇك روكېتلىرى بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. چۈنكى مۇشۇ تىپتىكى روكېتلارنى پەقەت ئۇكرائىنا ئارمىيەسىىلا ئىشلىتىدىكەن.
رۇس بۇك روكېتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاچاقلىنىپ كەتكەن ئايرۇپىلان رەسىمگە تارتىلغان بولۇپ، بۇ رەسىملەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. ئايروپىلاننىڭ پارچىلىرىدا ھاسىل بولغان تۆشۈكلەر كونا بۇك روكېتى ۋە روكېت ئوق بېشىغا ماس كېلىدىكەن. شىركەت مەسئۇللىرى روكېتنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسى نازارىتىدىكى بىر يەردىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇكرائىنا بىلەن غەرب دۆلەتلىرى بولسا روكېتنىڭ رۇسىيە تەرەپدارلىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى سىنىچنې رايونىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇلتۇر 17-ئىيۇلدا گوللاندىيەدىن مالايشىياغا بېرىش ئۈچۈن قوزغالغان مالايشىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى، 10مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتقاندا ئۇكرائىنا ھاۋا تەۋەلىكىدە چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئۇكرائىنا بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ رۇس تەرەپدارلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر