رۇسىيە «قارا تىزىملىكى»نى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا

رۇسىيە غەرب ئەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك «قارا تىزىملىكى»نى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا.

301303
رۇسىيە «قارا تىزىملىكى»نى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ياۋروپالىق 89 مەسئۇلنىڭ رۇسىيەگە كىرىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ، ئۇكرائىنادىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللايدىغانلارنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
لاۋروۋ موسكوۋادا ئىتالىيە مەنسەبدېشى پاۋلو گېنتىلونى بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، لاۋروۋ بەزى ياۋروپالىق سىياسەتچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ رۇسىيەگە كىرىشىنى چەكلىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ بەزى رۇس مەسئۇللىرىنىڭ ئىسمى بولغان قارا تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن لاۋرو، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن ئېمبارگولار جىدىلىگە كىرىپ قالغۇسى يوقلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ياۋروپانىڭ پوزىتسىيەگە قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گېنتىلونىمۇ رۇسىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، ئۇكرائىنا كىرىزىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
موسكوۋا ھاكىمىيىتى رۇسىيەگە كىرىشىنى چەكلىگەن 81 كىشى ئىچىدە، بېلگىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى گاي فېروفستاد بىلەن ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى نىك كىلېفكە ئوخشاش شەخسلەرمۇ بار.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر