رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ئانالىزچىلار مانېۋىرغا قارىتا «غەرب ئەللىرىگە ھەيۋە كۆرسەتكەنلىك» دەپ باھا بەرمەكتە.

289620
رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا 250 ئۇرۇش ئايروپىلانى، تىك ئۇچار ۋە 12 مىڭ ئەسكەر قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا «غەرب ئەللىرىگە ھەيۋە كۆرسەتكەنلىك»دەپ باھا بېرىلمەكتە.
مانېۋىرنىڭ ئارقىسىدىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسيە قوراللىرىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ دۇنيا قورال بازىرىنىڭ %27 نى ئالقىنىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پۇتىن ئالدىنقى يىلى ھەربىي مەھسۇلاتلار ئېكىسپورت سوممىسىنىڭ 15 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جەمئىي 62 دۆلەتكە قورال ساتقانلىقىنى، 91 دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ قېتىمقى مانېۋىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئىتىپاقداشلىرىنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى مانېۋىرى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا باشلانغان بولدى.
مانېۋىر جەريانىدا رۇسيەنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كومى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىكى مەشىق ئۈچۈن بەلگىلەنگەن نىشانلارغا ھۇجۇم قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر