رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مانېۋىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ

خىتاي بىلەن رۇسىيە ئاقدېڭىزدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئورتاق ھەربىي مانېۋىرى 21-ماي پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

280162
رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مانېۋىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئاقدېڭىزدا بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرغا، ئىككى دۆلەتتىن توققۇز ئۇرۇش پاراخوتى قېتىلدى. رۇسىيە بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئارقىلىق يېڭى تەھدىتلەرگە قارشى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى؛ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرى، ئامېرىكا ۋە ناتوغا قارشى «ھەيۋە قىلىش» دەپ ئانالىز قىلىنماقتا.
رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ھەربىي بازىسى بار بولۇپ، يېقىنقى كۈنلەردە ئاقدېڭىزغا پات-پات ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ تۇرماقتا. رۇسىيە-خىتاي ھەربىي مانېۋىرى پەيشەنبە (21-ماي) ئاخىرلىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر