خىتايدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەردى

سچۈەن ئۆلكىسى گۇاڭئەن شەھىرى لىن شۈي ناھىيەسىدىكى خەلق ئاممىسى تۆمۈر يولى لايىھەسىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

279520
خىتايدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇاڭئەن شەھىرى لىن شۈي ناھىيەسىدىكى خەلق ئاممىسى سچۈەندىكى داجوۋ شەھىرى بىلەن چوڭچىڭ شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يولى لايىھەسىنىڭ لىن شۈي ناھىيەسىنى بېسىپ ئۆتمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن قوزغىلىپ كەتتى.
بىلدۈرۈلىشىچە، لىن شۈي ناھىيەسىدە ھېچقانداق تۆمۈر يولى ياكىئايرودۇرۇم يوق ئىكەن.
16-ماي ئەتىگەندە ئونمىڭلىغان كىشى بىر يەرگە توپلىنىپ، ئۈچ كىلومېتىرغىچە پىيادە يۈرۈگەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەتىگەندىكى نامايىش تىنچلىق ئىچىدە ئۆتكەن. ئەمما، كەچ تەرەپتە قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن. نەق مەيدانغا ساقچىلار يېتىپ كېلىپ نامايىشچىلارنى تۇتۇشقا باشلىغان. نامايىشچىلارمۇ ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى ئۇرۇپ چاققان. ۋەقەلەردە، 12 ياشلىق بىر بالا بىلەن جەمئىي ئىككى كىشى ئۆلگەن، يۈزلەرچە كىشى يارىلانغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر