رۇسىيە بىلەن خىتاي ئاقدېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئاقدېڭىزدا «دېڭىزدا ھەمكارلىق -2015» ناملىق ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىدى.

270266
رۇسىيە بىلەن خىتاي ئاقدېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاناتولى ئانتونوۋ، رۇسىيە- خىتاي ھەربىي مانېۋىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىدىكى مەقسەتنىڭ، دېڭىز بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئانتونوۋ: «بۇ مانېۋىر ھېچقانداق ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلمىدى، رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بىلەنمۇ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئاۋغۇست ئېيىدا يەنە، خىتاي بىلەن ياپونىيە دېڭىزىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىمىز» دېدى.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا ھەر ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 10 ئۇرۇش پاراخوتى قاتناشقان بولۇپ، پاراخوتلارغا ئوكيانلاردىكى ئەڭ يىراق جايلاردا بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋەزىپىسى بېرىلگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر