تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىق كومىتېتى بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىرىدۇ.

255098
تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 123-نۆۋەتلىك يىغىنى ئەتە بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدۇ.
تۈركىيە بىلەن ئەينى دەۋىردىكى ياۋروپا ئىقتىسادىي گەۋدىسى ئوتتۇرىسىدا 1964-يىلى 1-دېكابىردا يولغا قويۇلغان ئەنقەرە كېلىشىمى دائىرىسىدە قۇرۇلغان تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى تېخنىكلىق سەۋىيەدە كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كومىتېت، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ۋە مۇزاكىرە مۇساپىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ.
كومىتېتنىڭ كۈنتەرتىپىدە «مۇزاكىرە مۇساپىسى»دىن سىرت، «سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆلچەملەر»، «يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىقتىسادىي دىئالوگ»، «ئادالەت ۋە ئىچكى ئىشلىرى»، «مۇھىت ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى»، «ئېنېرگىيە دىئالوگى»، «قاتناش»، «تاموژنا بىرلىكى ۋە سودا مەسىلىلىرى»، «باج تۈزۈلمىسى» ۋە «مالىيە ياردەم ۋاستىلىرى» قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
يىغىنغا تۈرك ۋەكىللەردىن سىرت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى دۆلەتلەر بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى قاتنىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر