رۇسىيە تۈركىيەگە قارشى ئەرمەنلەرنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالدى
رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋ، 1915- يىل ۋەقەلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى خوۋىك ئابراھاميانغا تېلېگرامما يوللىدى.
254282
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېدۋېدېۋ تېلېگراممىسىدا، ئەرمەنلەرنىڭ 1915- يىل ۋەقەلىرى ھەققىدىكى دەۋالىرىنى قوللاش ماھىيىتىدىكى سۆزلەرنى قىلدى. مەزكۇر تېلېگرامما رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت سەھىپىسىدىنمۇ ئورۇن ئالدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ ئەرمەنى دىياسپوراسىنىڭ 23- ئاپرېل كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزگەن بىر پائالىيىتىگە تېلېگرامما يوللاپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغانىدى.
رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى دۇمامۇ 1915 – يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدا ئورتاق باياننامە ئېلان قىلىپ، ئەرمەنى دەۋالىرىنى قوللاش خاراكتېرىدىكى سۆزلەرنى قىلغانىدى.