«ئىسرائىلىيە بارلىق كېلىشىمنامىلەرگە خىلاپلىق قىلدى»

مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق كېلىشىمنامىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

227176
«ئىسرائىلىيە بارلىق كېلىشىمنامىلەرگە خىلاپلىق قىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ يولسىزلارچە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان تۇرالغۇ جاي سىياسىتى بىلەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى، خەلقئارا جىنايىي ئىشلار مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا.
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ئازادلىق ھەرىكىتى بىلەن ئىمزالىغان بارلىق كېلىشىمنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
مەھمۇد ئابباس ۋە باش مىنىستىر رامى ئەل ھامدۇللاھ قاتارلىق پەلەستىنلىك مەسئۇللار، راماللاھنىڭ ئەل بىرا شەھىرىدىكى بىر باغچىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى.
مەھمۇد ئابباس ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەققى بولغان باج كىرىملىرىنى توڭلىتىپ قويغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنداق يولسىزلىقلىرىغا قەتئىي باش ئەگمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئابباس، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئېمبارگولىرى سەۋەبىدى، ئىسرئىلىيە ئۈستىدىن خەلقئارا جىنايىي ئىشلار مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەردىن ئېلىنغان ۋە پەلەستىنگە يەتكۈزۈپ بېرىلىشى كېرەك بولغان 127 مىليون دوللارلىق دېكابىر ئېيى باج كىرىملىرىنى توڭلىتىۋەتكەنىدى.
پەلەستىننىڭ يانۋار ئېيىدا خەلقئارا جىنايىي ئىشلار مەھكىمىسىگە ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى سەۋەبىدىن، ئىسرائىلىيە پەلەستىنگە يەتكۈزۈپ بېرىلىشى كېرەك بولغان باج كىرىملىرىنى توڭلىتىۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. خەلقئارا جىنايىي ئىشلار مەھكىمىسىگە ئۆتكەن ھەپتە رەسمىي «تولۇق ئەزا» بولغان پەلەستىن ھاكىمىيىتى، «ئۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلغان ئىسرائىلىيە پۇقرالىرى ئۈستىدىن مەھكىمىگە ئەرز قىلالايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر