ماۋرىتانىيەدە مەشىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

ماۋرىتانىيەدە بىر ھەربىي مەشىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ ئىككى  ئوفىتسېر  ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2140399
ماۋرىتانىيەدە مەشىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماۋرىتانىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئاتار رايونىدىكى ھەربىي ئاۋىياتسىيە مەكتىپىگە تەۋە «SF260» تىپلىق مەشىق ئايروپىلانى مەشىق ئۇچۇشى جەريانىدا تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، قازا نەتىجىسىدە ئىككى ئوفىتسېر  ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ،  ئارمىيە تەرەپ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر