ئامېرىكا: ئەششەباب كاتتىۋېشى ئەدناننى ئۆلتۈردۇق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئەدنان غەرارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

271701
ئامېرىكا: ئەششەباب كاتتىۋېشى ئەدناننى ئۆلتۈردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئۆتكەن ھەپتە سومالىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئەدنان غەرارنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

دىنسۇر شەھىرىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن غەرار، تەشكىلاتنىڭ 2013- يىلى كېنىيەدە مەيدانغا كېلىپ، 68 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سودا مەركىزى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش سومالىغا يېقىن دۆلەتلەردىكى ھەرخىل ھۇجۇملارغا يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتاتتى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 31- مارتتىكى سومالىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدىمۇ تەشكىلاتنىڭ يەنە بىر ئەمەلدارى يۇسۇف دەھىق ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

سومالىدا چېكىنىشكە يۈزلەنگەن ۋە رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا يوقىتىشلارغا دۇچ كەلگەن ئەششەباب تەشكىلاتى، تالاپەتكە ئۇچرىغان بولۇشىغا قارىماي ھۇجۇملىرىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر