ئامېرىكا: رۇسىيە - جەنۇبىي ئوسېتيا ئىتتىپاقداشلىقى ئىناۋەتسىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە بىلەن گىرۇزىيەدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان جەنۇبىي ئوسېتيا ئارىسىدا ئىمزالانغان ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

273773
ئامېرىكا: رۇسىيە - جەنۇبىي ئوسېتيا ئىتتىپاقداشلىقى ئىناۋەتسىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جېن پساكى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «نە بۇ كېلىشىم نە نويابىر ئېيىدا ئابخازىيە بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىم ئىناۋەتلىك خەلقئارالىق كېلىشىم بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەمەستۇر» دېدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىشغال ئاستىدىكى جەنۇبىي ئوسېتيا ۋە ئابخازىيە رايونلىرى گىروزىيەنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىدۇر، بىز گىروزىيەنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە بىلەن گىرۇزىيەدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان جەنۇبىي ئوسېتيا ئارىسىدا تۈنۈگۈن ئىمزالانغان شېرىكچىلىك ۋە ئۆزئارا پۈتۈنلىشىش كېلىشىمى تەرەپلەر ئارىسىدا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ئىنسانىي، سىياسىي، مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرى بويىچە يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى مەزمۇن قىلىدۇ.

كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، تەرەپلەر ئارىسىدا خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە ساھەسى شەكىللەندۈرۈلىدىكەن، رۇسىيە – جەنۇبىي ئوسېتيا چېگراسىدا ئەركىن ئۆتۈش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن، تاموژنا ئورگانلىرى پۈتۈنلەشتۈرۈلىدىكەن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئارىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىكەن ۋە رۇسىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش مۇساپىسى ئاددىيلاشتۇرۇلىدىكەن.

25 يىل بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغان مەزكۇر كېلىشىمنىڭ مۇددىتى، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 يىللىقتىن ئۇزارتىلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر