ساركىسيان تۈركىيە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى سېرج ساركىسيان 2009 – يىلى ئىمزالانغان ۋە 2010 – يىلى توڭلىتىپ قويۇلغان ئەرمېنىيە – تۈركىيە كېلىشىملىرىنى پارلامېنتتىن قايتۇرۇۋېلىشنىڭ، تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئىشىكلىرىنى تاقىغانلىق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

272353
ساركىسيان تۈركىيە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى سېرج ساركىسيان پايتەخت يېرېۋاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئاخباراتچىلىق مۇنبىرىدە سۆز قىلغاندا، تۈركىيە – ئەرمېنىيە مۇنسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ: «كېلىشىملەرنى تۈركىيە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلەر تۈپەيلىدىن ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولمىغاچقا پارلامېنتتىن قايتۇرۇۋالدىم، كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق. بۇ مەسىلىدە كىمنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. ئەمما، بۇ تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئىشىكىنى تاقىۋالغانلىقىمىز ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن مۇساپىغا قاتناشمايمىز» دېدى.
سېرج ساركىسيان 16 – فېۋرالدا «ئەرمېنىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېلىشىمى» ۋە «ئەرمېنىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى» نى پارلامېنتتىن قايتۇرۇۋالغان ئىدى.
ئەرمېنىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمدە، ئورتاق چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىش، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ باشچىلىقىدا ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېت ۋە تۆۋەن كومىتېتلارنىڭ خىزمەت پىرىنسىپلىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن گۇرۇپپا تەشكىللەش، ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېت ۋە تۆۋەن كومىتېتلارنىڭ خىزمەت پىرىنسىپلىرىنى مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە تەستىقلاش ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتنىڭ بىرىنچى يىغىنىنى ئېچىش قاتارلىقلار قارار قىلىنغان ئىدى. بۇ كېلىشىملەر 2007 – يىلى شىۋېيتسارىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىشى نەتىجىسىدە 2009 – يىلى 10 – ئۆكتەبىر ئىمزالانغان ئىدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن رامكا بەلگىلەپ بەرگەن مەزكۇر كېلىشىملەر، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرىغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ساركىسيان 2010 – يىلى 22 – ئاپرېل تەستىقلاشنى توختىتىپ قويغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر