ئامېرىكا ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

CIA باشلىقى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

264333
ئامېرىكا ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
  • ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىستىخبارات تەشكىلاتى CIA كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر بايانات ئېلان قىلدى.
    CIA باشلىقى بىرېنمان ئامېرىكا، رۇسىيە، دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلەر ۋە رايون دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
    ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا دەمەشىق ھاكىمىيىتىگە قاراتقان سىياسىتى دائېش تەھدىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرماقتا.
    CIA باشلىقى بىرېنان سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئالدىنقى كۈنى نىيۇيوركتا، خەلقئارا سىياسەتنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئورگانلىرىدىن بولغان بولغان تاشقى ئالاقە كومىتېتىدا ( ouncil on Foreign Relations) سۆز قىلغان بىرېنان مۇنداق دېدى: «رۇسىيە، ئامېرىكا دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلەر ۋە رايون دۆلەتلىرى دەمەشىقتە ھۆكۈمەت سىىياسىي ئورگانلارنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى خالىمايمىز» دېدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلاردىن بىرىسى ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد ئاغدۇرۇلسا ئورنىغا كېلىدىغان كىشىدىن قورقۇپ قورقمايدىغانلىقىغا دائىر سوئالغا بىرېنان مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ نورمال بىر ئەندىشە، سۈرىيەنىڭ بەزى رايونلىرىدا دائېش ۋە ئەل قائىدە قاتارلىق كۈچلەر باش كۆتۈردى. بىز بۇ كۈچلەرنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىشىنى خالاپ كەتمەيمىز.»
    ئۇ يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە باشقا تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتلارنىڭ مىلىتانلارغا قارشى كۈرەشلەرنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. 2013-يىلى مارتتا CIA نىڭ باشلىقى بولغان بىرېنان پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەر مەسىلىسى بويىچە مەسلىھەتچىسى ئىدى.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر