400 مېتىر ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كەتتى، 51 ئادەم ئۆلدى

بىرازىلىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سانتا كاتارىنا ئۆلكىسىدە ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى 400 مېتىر ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كەتتى.

264326
400 مېتىر ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كەتتى، 51 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سانتا كاتارىنا ئۆلكىسىدە ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى چوڭقۇرغا چۈشۈپ كېتىپ، 51 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 10 ئادەم يارىلاندى.

يارىدارلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

قازانىڭ ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ تورمۇزى تۇتمىغان ئاپتوبۇسنى كونترول قىلالمىغانلىقى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا. 400 مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۈشۈپ كەتكەن ئاپتوبۇستىكى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ساياھەتچىلەرنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

قاتناش ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بىرازىلىيەدە 2012- يىلى 45 مىڭ؛ 2013- يىلى 41 مىڭ ئادەم قاتناش ۋەقەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر