ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى يانوش ئادېر ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

261480
 ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېھمان پىرېزىدېنت تۈنۈگۈن ئالدى بىلەن باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇنى قوبۇل قىلدى، ئارقىدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەك بىلەن كۆرۈشتى.
يانوش ئادېرنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولسا چانكايا سارىيى ئىدى.
بۇ ئارىلىقتا، ئادېر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.
ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىمزالاندى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىمزا مۇراسىمىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى دائىرىسىدە نۆۋەتتە پۇل - مۇئامىلە مەسىلىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 – سۆھبەت تېمىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «لېتونىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىدە بۇ سۆھبەت تېمىسىنىڭ ئېچىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ھەقتە ۋېنگىرىيەنىڭ بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىمىزنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەن.»
ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى ئادېرمۇ دۆلىتىنىڭ ھازىرغىچە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى باسقۇچىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقىنى ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە قوللاپ كەلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز.»
ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئادېر، بۇ ساھەدە مەنبە ۋە ئۆتۈش ئېغىزلىرىنىڭ سەرخىللاشتۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر