ئامېرىكا بىلەن ۋېنىزۇئېللانىڭ مۇناسىۋىتى بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە

ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا يەنە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

256766
ئامېرىكا بىلەن ۋېنىزۇئېللانىڭ مۇناسىۋىتى بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنىزۇئېللانى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت» دەپ ئېلان قىلغان ۋاشىنگىتون، ۋېنېزۇئېلالىق يەتتە دۆلەت ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.
ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېلىنغان بۇ قارار دائىرىسدە، بۇ كىشىلەر ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولالمايدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتالمايدىغانلىقى بىلۈرۈلدى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ ئېمبارگوسىنى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنۇش، دەپ تەرىپلىگەن ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو، ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن 7 دۆلەت ئەمەلدارىدىن بىرى بولغان ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقىنى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى.
مادۇرو بۇ ئاينىڭ بېشىدا ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنى «ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش سەۋەبىدىن» ۋېنېزۇئېلانى ساياھەت قىلماقچى بولغان ئامېرىكا پۇقرالىرىدىن ۋىزا تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.
ۋېنېزۇئېلاغا كىرىشى چەكلەنگەنلەر ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ 43-نۆۋەتلىك سابىق پىرېزىدېنتى جورج بۇش، سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت دىك چېنېي، ئامېرىكا ئالىي پالاتاسى تاشقى ئالاقە كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى بوب ۋېنېدېز ۋە فىلورىدا ئىشتاتى مەجلىسىنىڭ سابىق باشلىقى ماركو رۇبىيوغا ئوخشاش سىياسەتچىلەر بار. ئىككى دۆلەت 2010-يىلى باش ئەلچىلىرىنى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىن ياندۇرۇپ كەتكەنىدى.
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئېنېرگىيە دوكلاتلىرىغا قارىغاندا، ۋېنېزۇئېلا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ نېفىت زاپىسىغا ئىگە دۆلەت ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر