قورال ئېكسپورتىدا ئامېرىكا، ئېمپورتىدا سەئۇدى ئەرەبىستان بىرىنچى

2014-يىللىق دۇنيا قورال سودىسى دوكلاتى ئېلان قىلىندى

255464
قورال ئېكسپورتىدا ئامېرىكا، ئېمپورتىدا سەئۇدى ئەرەبىستان بىرىنچى

دۇنيا مۇداپىئە سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك 2014-يىللىق دوكلاتتا، قورال-ياراغ تىجارىتىنى مونۇپۇل قىلىۋالغانلارنىڭ دۇنيا سىياسىتىنى قانداق شەكىللەندۈرگەنلىكلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش قورال-ياراغ سودىسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان بۇلتۇر 2013-يىلى قورال-ياراق ئېمپورت قىلىشتا رېكورت ياراتقان ھىندىستاندىنمۇ ئېشىپ چۈشۈپ، دۇنيا بويچە ئەڭ كۆپ قورال-ياراغ ئېمپورت قىلغان دۆلەت بولدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان 2013-يىلغا قارىغاندا 6 مىليارد 400 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ 55 % كۆپ قورال-ياراغ ئېمپورت قىلغان. دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قورال-ياراغ ئېمپورت قىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ھىندىستاندىن قالسا، ئۈچىنچى ئورۇندا خىتاي تۇرىدىكەن.
خىتاي رۇسىيەدىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئېمپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيە ئەڭ كۆپ قورال-ياراغ ئېمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تېزىملىكىدە 9-ئورۇندا تۇرىدۇ.
قورال ئېكسپورت قىلىشتا ئامېرىكا زور پەرق بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ھەر يىلى 24 مىليارد دوللارلىق قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىپ دۇنيا قورال-ياراغ ئېكسپورتىنىڭ ئۈچتە بىرىنى مونۇپۇل قىلىپ كەلمەكتە. ئامېرىكىدىن قالسا رۇسىيە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. رۇسىيەدىن كېيىن فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە كېلىدۇ. قورال-ياراغ ئېكسپورتىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇۋاتقان دۆلەت بولسا ئىسرائىلىيە بولۇپ، 7-ئورۇندا تۇرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر