جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى ۋېنېسۇئېلا ئۈچۈن چارە ئىزدىمەكتە

بىرازىلىيە، كولومبىيە ۋە ئېكۋادور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جەنۇبىي ئامېرىكا ئورتاق گەۋدىسى باش كاتىپى ئېرنېستو سامپېر، ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا ماي ئېيىدا ئاخىرلاشقان مۇزاكىرىلەرنىڭ باشلىنىشىنى تەكرار ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە دۆلەتتىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كاراكاستا بىر يەرگە جەم بولدى.

252755
جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى ۋېنېسۇئېلا ئۈچۈن چارە ئىزدىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىئا ئانگېلا ھولگۇئىن، «جەنۇبىي ئامېرىكا ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋېنېسۇئېلالىقلاردىن مەسىلىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھەل قىلىشى نىكۈتمەكتە. شۇڭا دۆلەتنى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچار قىلغان بۇ سۈركىلىشكە خاتىمە بېرىلىشى مەسىلىسىدە ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچىلەر ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرستىشى لازىم» دېدى. جەنۇبىي ئامېرىكا ئورتاق گەۋدىسى ھەيئىتىنىڭ مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقلىرىغا ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئىجابىي قارىسا، ئۆكتىچىلەر گۇمان بىلەن قارىماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر