فىلاندىيەدە 3 تۈرك قەتلى قىلىندى

فىلاندىيەدە 3 تۈركنى قەتلى قىلغان زوراۋان نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

244020
فىلاندىيەدە 3 تۈرك قەتلى قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاۋكاس شەھىرىدە بىر رېستورانى بولغان بىر جۈپ ئەر-ئايال بىلەن رېستوراندا خىزمەت قىلىدىغان بىر مۇلازىمەتچى ئۆلتۈرۈلدى.
رېستوران ئىگىسى ئەزىز ۋە ئاسىيە بىلەن كۈتكۈچى كۈبراغا پىچاق تىققان زوراۋان، ۋەقەدىن كېيىن ساقچىغا تېلېفون قىلدى.
گۇماندار جىنايەتنى سادىر قىلغاندىن كېيىن ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. چەتئەللىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن زوراۋان نازارەت ئاستىغا ئېلىندى، ساقچىلار ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر